ىزلىپ ئۆلچەش باشلاندى، ئۆلچەش ئەسۋابى 2 مىتىر 18 سانتىمىتىر دېگەن رەقەمنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى، ئەگەر باش، تاپان ۋە سۆڭەكلەر ئارىسىدىكى گۆش ۋە پەيلەرنى قوشقاندا پالۋاننىڭ ئىگىزلىكى 2 مىتىر 25 سانتىمتىرغا يىتەتتى. مەن نېمىشكە بۇنچىلىك ئېنىق ئىيتىپ بىرەلەيمەن؟ چۈنكى مىتىرنى تۇتۇپ تۇرىغىنى دەل مېنىڭ چوڭ دادام (ئاپامنىڭ ئاكىسى) ئىدى. بۇنى ئۇ 5 يىل بۇرۇن ماڭا دەپ بەرگەن. پالۋاننىڭ ئالقىنىنى ئۆلچەپ باشلاندى. نورمال ئەركەكنىڭ ئالقننى 20 سانتىمىتىر دېسەك، پالۋاننىڭ ئالقىنى 30 سانتىمىتىردىن ئاشاتتى. بۇ دەل ئەل ئارسدا تارقىلىپ يۈرگەن «پالۋاننىڭ ئالقىنغا سارىم ئالمىدىن 10 نەچچىسى پاتاتتى» دىگەن رىۋايەتلەرنى كۈچلۈك دەللىلەپ بەردى. پالۋاننىڭ باش سۆڭىكى نۇرمال ئادەمنىڭ 1.3 ھەسسىگە تۇغرا كىلەتتى.پالۋان نامىنىڭ كېلىپ چىقىشدا بىر نەچچە خىل كۆز قاراش بار.بىرىنچى خىل كۆز قاراش: سادىر ياش ۋاقتىلىرىدا يۇرتتا ئاپەت بولۇپ خەلق ئاچارچىلققا قالىدۇ. جياڭجۈن بارلىق مال چارۋىلارنى كۈرە سېپىلىغا سولىۋىلىپ قول قۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرىدۇ. بىركۈنى تۈن يىرىمىدا سادىر بىرنەچچە يىگىتنى باشلاپ ئارغامچا بىلەن سېپىلغا ئاتىلىپ كىرىدۇ. سادىر يۇغان بىر ئۆكۈزنى قولتۇقلاپ سېپىلىدىن ئارتىلىپ چۈشدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق سادىرغا پالۋان نامىنى بىرىدۇ.يەنە بىر خىل كۆز قاراش جىرغىلاڭ سىيىدا